Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:4
56 Referans Kwoze  

ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.


ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى.


ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى.


ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار.


ھەم شۇ ئارقىلىق، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىدە، سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي!


بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد خۇدائاتىمىزغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.


ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر.


خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە كېلىدىغان زاماندا خۇدا ئايان قىلىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلغان بولسىمۇ،


رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت بەرگەي!


بۇ دۇنيا ئەمدى سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتانمۇ ئەمدى ئاغدۇرۇلىدۇ.


بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن يارىتىمەن، ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


مەن دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق.


ئاتىمىز خۇدا ۋە رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە يول ئاچقاي.


چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز.


ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن پىلانى بويىچە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەئەللۇق بولۇشقا تاللاندۇق.


ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.


ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم، دەپ چاقىرغان سىلەر رىملىقلارغا يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر.


چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.


مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى، مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.


- ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دەپ دۇئا قىلدى.


چۈنكى، ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، ئەگەر مەن بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمىگۈچە بۇ قەدەھ مەندىن يىراقلاشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.


ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»


ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.


ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان خۇدا مۇقەددەس روھنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدۇ.


ئاندىن، ئۇ بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارغا بېرىپ: - بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، - دېدى.


تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، بۇ ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.


مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇھىم تەلىمنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇ تەلىم شۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن يېزىلغىنىدەك، ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ،


خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭلار. چۈنكى، ياشاۋاتقان بۇ دەۋرىمىز رەزىل دەۋردۇر.


خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite