Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى شەخسەن مېنى تونۇمايتتى.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:22
11 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ۋە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭلار.


زىنداندا مەن بىلەن بىللە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىك ۋە يۇنىيەگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، تونۇلغان ئەلچىلەردۇر.


مەنكى، پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، سالونىكا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام.


مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، سالونىكا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق تىموتىيدىن، فىلىپى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس خەلققە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە سالام.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە، جەلىلىيە ۋە سامارىيىلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشتى. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، ھەمىشە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خۇدا يولىدا ماڭدى. ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.


ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىم پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر.


ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىمىز ئۇربان ۋە قەدىرلىك ستاخىسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.


سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەيسا مەسىھكە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.


ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان سالاھىيەت بويىچە ياشاۋەرسۇن. بۇنى ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە بۇيرۇيمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite