20 خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، سىلەرگە يېزىۋاتقانلىرىم يالغان ئەمەس.
مەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلىمەيمەن. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان ۋىجدانىممۇ بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.
رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى، مەڭگۈ مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان خۇداغا ئايانكى، يالغان ئېيتمىدىم.
خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇشۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.