19 بۇ جەرياندا، ئەلچىلەردىن پەقەت پېترۇس ۋە رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەلچىلەردىن باشقا بىرەرسىنى كۆرمىدىم.
ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىنىڭ ئوغلىغۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم؛ ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمۇن ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟
ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ - دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى.
ھەزرىتى ئەيسا خەلققە داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى.
رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟
فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە تاداي،
ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام.
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.
پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: - بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، - دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.
مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن،
ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھۇجرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئەندەر، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر سىمۇن ۋە باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدالار بار ئىدى.
بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، - دېدى.