Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئەلچى پېترۇس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردىم ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم.

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:18
8 Referans Kwoze  

ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: - يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، - دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)


دەل ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ پېترۇسقا يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغىنىدەك، ماڭىمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى تاپشۇرغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.


بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم.


مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite