Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى ماڭا ئاشكارىلاشنى خالىدى. خۇدا ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىغان چاغدا، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھېچقانداق كىشىگە مەسلىھەت سالمىدىم

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:16
30 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - نېمىدېگەن بەختلىكسەن، يۇنۇس ئوغلى سىمۇن! بۇنى ساڭا ئاشكارىلىغۇچى ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتام خۇدادۇر.


چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز.


شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم.


چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


ئەمدى يەھۇدىي ئەمەس بولغان سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، سىلەرگە ئەلچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ۋەزىپەمنى ئۇلۇغ ھېسابلايمەن.


بىراق، رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە، «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت! سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى.


رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - بارىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم.


ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، - دېدى.


ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.


پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،


مەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى ۋە ئەلچىسى، شۇنداقلا ئۇ توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچى بولۇپ تەيىنلەنگەن.


مەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە ئەلچى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۇلارغا ئېتىقاد ۋە ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم.


ئون تۆت يىلدىن كېيىن، مەن بارنابا بىلەن بىللە يەنە يېرۇسالېمغا باردىم. تىتۇسنىمۇ بىللە ئېلىۋالدىم.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىمايمىز. گەرچە بىز بۇرۇن مۇشۇ كۆزقاراش بىلەن ئەيسا مەسىھنى پەقەتلا بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئەمدى ئۇنداق دەپ قارىمايمىز.


قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گۆش ۋە قاندىن تۆرەلگەن جىسمانىي تېنىمىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئۆلۈپ چىرىيدىغان تېنىمىز مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ.


ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيلىرىدىمۇ تەلىم بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتۇر!» دەپ، توختىماستىن خۇش خەۋەر تارقىتىۋەردى.


دەرھال يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite