گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 لېكىن، خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللىدى ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى. Gade chapit la |
ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش، ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا توپلاش ئۈچۈن، ئۇ مېنى قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ ياراتتى. مەن قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىزدۇرمەن، خۇدايىم مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار،
لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. ئەيسا مەسىھكە ئىبادەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى جايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، سىلەرمۇ بىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ رەببى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن پاك قىلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا چاقىرىلدىڭلار.
بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن خۇرسەنلىككە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى.