Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 سىلەر مېنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىمنى ئاڭلىغانىدىڭلار. مەن ئۇ چاغدا خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتىشكە تىرىشقانىدىم

Gade chapit la Kopi




گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت 1:13
14 Referans Kwoze  

لېكىن، سائۇل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئەر-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆيمۇئۆي ئىزدەپ تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاشقا باشلىدى.


مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن ھەمدە خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن.


سائۇل يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا قوشۇلماقچى بولدى. لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى.


ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ ئېتىقادچىلارنى ئالىي روھانىيلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ - دېيىشتى.


مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.


بۇ يولدىكى قىزغىنلىقىم جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلماقچى دەپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئىدىم. ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ھەققانىيلىق دەپ قارالسا، مەن بۇ ئۆلچەمگە ئەڭ لايىق ئادەم بولاتتىم.


ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىنتايىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەلچىلەردىن باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى.


باشقىلارنى، مەيلى ئۇلار يەھۇدىيلار، يەھۇدىي ئەمەسلەر ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتچىلىكتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، گۇناھقا باشلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار.


رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite