Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 9:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 بىراق ھازىر سەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ ۋە بىزنىڭ ئاز بىر قىسمىمىزنى بولسىمۇ سۈرگۈندىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەنلىككە ئىگە قىلدىڭ. سەن بىزگە ئۈمىد بېرىپ، قۇللۇقتىكى ھاياتىمىزغا بىرئاز بولسىمۇ ئاراملىق بەردىڭ.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 9:8
36 Referans Kwoze  

ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، جاۋاب بەرگىن نەزىرىڭنى سېلىپ ماڭا، نۇرلاندۇرغىن كۆزلىرىمنى، بولمىسا كېتەرمەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا.


ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.


ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.


ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.


شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟


غەلىبە قىلغۇچىنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەن. بۇنداق ئادەم ئۇ يەردىن ئەسلا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن - خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن.


يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق جاكارلىغانىدى: «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قۇتقۇزۇلىدۇ.


يەھۇدىيە خەلقىدىن خۇددى ئۇل تېشىدەك، چېدىر قوزۇقىدەك، جەڭ ئوقياسىدەك يېتەكچىلەر چىقىدۇ.


خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھازىر ئامان قالغان خەلقىمگە مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئىمكانسىز ئەمەستۇر! بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزى ئوغۇل-قىزلار قېچىپ قۇتۇلۇپ، سىلەر تۇرغان يەرگە كېلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ بابىلدىكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن جازالىرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تەسەللى تاپىسىلەر.


يەھۇدىيەدىن مىسىردا ياشاشقا كەلگەن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمايدۇ ياكى يەھۇدىيەگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار قايتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، پەقەت ئاز ساندىكى يەھۇدىيە مۇساپىرلىرىلا ئۇ يەرگە قايتالايدۇ.»


ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق.


ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.


ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.


دانالارنىڭ سۆزلىرى خۇددى پادىچىلارنىڭ قولىدىكى تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ توپلانغان ھېكمەتلىرى خۇددى تاياققا چىڭ قېقىلغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ھېكمەتلەرنى پادىچىسى بەرگەندۇر.


يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.


نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا.


ئۇ ئىنسانلارنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىنى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرمەكتە.


لېكىن سەن يەنىلا ناھايىتى رەھىمدىل بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىڭ ۋە تاشلىۋەتمىدىڭ. چۈنكى سەن شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرسەن!


ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.


بىز قۇل بولساقمۇ، سەن بىزنى تاشلاپ قويمىدىڭ. سەن بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىڭدا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردىڭ. ئىبادەتخاناڭنى قايتىدىن سېلىشقا ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەشكە ئىمكانىيەت بەردىڭ. سەن بىزگە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىل بولدۇڭ.


سىلى ئۆزلىرى خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېلىپ قالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».


_ ئاتام بىزنى ئېغىر ئەھۋالدا قالدۇرۇپتۇ، _ دېدى يوناتان، _ قاراڭلار، مەن بۇ ھەسەلدىن ئازراق تېتىپ بېقىۋىدىم، شۇنچە روھلىنىپ كەتتىم.


لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، ئۇ شۇنچە روھلىنىپ كەتتى.


گاداي ۋە ئۇنى ئەزگۈچىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، پەرۋەردىگاردۇر ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىگە نۇر بەرگۈچى.


پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە،


ئەگەر كۆزلىرىم يۇمۇلسا خۇش بولار رەقىبلىرىم، «مەن ئۇنىڭدىن غالىب كەلدىم» دېيىشەر دۈشمەنلىرىم.


بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»


مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە ئىتائەتمەن كىشىلەرنى قالدۇرىمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite