Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 9:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن تارتىپ ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشىدۇق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن خەلقىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىندى ۋە خورلاندى. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 9:7
38 Referans Kwoze  

ئەجدادلىرىمىز ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئىبادەتخانىنى تەرك ئەتتى.


گۇناھ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ئەجدادلىرىمىز، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ جازاسىنى تارتماقتىمىز.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.


سەن ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ. سەن پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق روھىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن، ئىسرائىلىيەلىك قېرىندىشىڭلاردىن ئۈلگە ئالماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا سادىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى.


لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاتا-بوۋاڭلارنى جازالىغاندەك سىلەرنىمۇ جازالايدۇ.


ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟!


ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،


بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىشلار بىزنىڭ رەزىللىكىمىز ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، گۇناھىمىزغا لايىق جازا بەرمىدىڭ، بىر قىسىمىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ.


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى، ساختا پەيغەمبەرلىرى، شۇنداقلا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرى رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى.


‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن.


سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلار، يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قىلغان رەزىل ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۆزۈڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا قىلغان رەزىل ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟


سىلەرنى شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، ياتلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن.


باشقا ئەللەرمۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. مەن خەلقىمدىن دىدارىمنى يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا جېنىدىن جۇدا بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite