Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 9:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا ۋە روناق تېپىشىغا ياردەم قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، ئۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە ئۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ، قالدۇرالايسىلەر.› دېگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 9:12
17 Referans Kwoze  

ئۇلار بىلەن توي قىلماڭلار، ئۇلارغا قىز بەرمەڭلار ھەم ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار.


ھايات بولساڭلارلا ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئامانلىق ۋە ياخشىلىق ئىستىمەڭلار.


ياخشى ئادەم مىراس قالدۇرار ئەۋلادلىرىغا، گۇناھكارلارنىڭ مال-دۇنيالىرى قالار ھەققانىيلارغا.


ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار، زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ.


ھەققانىي ئادەم دىيانەت يولىدا ماڭار، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بەختلىك بولار!


ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بۇ خىل ساداقەتسىزلىك گۇناھىنى ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلدارلار بىلەن يېتەكچىلەر باشلامچى بولدى! _ دېدى.


ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن بىرەر ئەھدە تۈزمەڭلار.


خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ يىھوشافاتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز.


ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان.


خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا سىلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئىگە بولغان بۇ گۈزەل زېمىندا داۋاملىق ياشىيالايسىلەر ۋە ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite