10 ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.
توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى، ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى.
ئى ئىگەم! ئىسرائىللار دۈشمەندىن يېڭىلىپ، قېچىپ كەلدى. ئەمدى مەن نېمە دېيەلەيمەن؟
يەھۇدا جاۋابەن: _ ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا بىزنىڭ گۇناھىمىزنى ئاشكارا قىلدى. ئەمدى بىز جاملىرىنى ئېلىۋالغان ئىنىمىز بىلەن بىرگە سىلىنىڭ قۇللىرى بولايلى! _ دېدى.
بىز قۇل بولساقمۇ، سەن بىزنى تاشلاپ قويمىدىڭ. سەن بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىڭدا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردىڭ. ئىبادەتخاناڭنى قايتىدىن سېلىشقا ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەشكە ئىمكانىيەت بەردىڭ. سەن بىزگە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىل بولدۇڭ.
خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە: ‹سىلەر بېرىپ ئىگە بولىدىغان يەر شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ناپاك قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغانغاندۇر. ئۇ يەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىپلاسلىقلىرى بىلەن تولغاندۇر.
سەن ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ. سەن پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق روھىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ.
پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قانۇنۇڭغا بويسۇنمىدى، ئەمر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى.
خۇددى ئەجدادلىرىمىزدەك بىزمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، رەزىل، ئىپلاس ھەم يامان ئىشلارنى ھەممىمىز قىلدۇق.