Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 8:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئاخاۋا قانىلىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇشىمىزنى، سەپەر جەريانىدا ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى خۇدادىن تىلىدىم.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 8:21
37 Referans Kwoze  

قورقۇپ كەتكەن يىھوشافات پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى.


روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.


سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يول!»


شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاتاپ تۆكۈشتى ۋە كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى.


شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى نەپسىنى يىغسۇن، ئىش قىلمىسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.


بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ.


مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.


ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.


مەن بىلەن بىرگە كەتمەكچى بولغانلارنى ئاخاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان قانالنىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن ئۇلارنى تەكشۈرگىنىمدە، روھانىيلاردىن باشقا لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم.


ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس، ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟


مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟ ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟ سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟ مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟


ئۇلار ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن؟ بىز تاماق يېمەي جاپا چەكسەك، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ. قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر، سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر.


ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.


ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.


بۇ كۈنى ئۇلار نەپسىنى يىغىپ، تولۇق دەم ئالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.


زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.


بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى، يۇمۇش ئۈچۈن دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى.


بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخاۋا قانىلىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى.


سىلەر ‹بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدۇ› دېگەن بالىلىرىڭلارنى، سىلەر بېرىشنى رەت قىلغان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىپ ھۇزۇرلاندۇرىمەن.


پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.


پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم، مەيلى ھايۋان، يەنى مەيلى كالا، مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە يېمىسۇن، ھېچنېمە ئىچمىسۇن.


پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلىدى.


ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.


_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.


سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى.


دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا، سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا.


پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز، ئۇ بىزگە نەگە بېرىشىمىز ۋە قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرسە.


شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite