16 شۇڭا يېتەكچىلەردىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ،
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!
بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ياخشى ئويلا، چۈنكى رەببىمىز ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەقىل بېرىدۇ.
ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.
كۆپىيەر ھۆكۈمدارلار گۇناھ كۆپەيسە يۇرتتا، مۇقىملىق داۋاملىشار دانا ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولغاندا.
چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشار ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرى، بىراق ئۇنى تارتىپ ئالالار ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى.
چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر.
شەلەميا، ناتان، ئادايا،
خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا،
خۇدا ماڭا يار بولدى. ئۇلار بىزگە شېرېبىيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ماخلى جەمەتىدىن بولۇپ، لاۋىيلاردىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئەر قېرىنداشلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى يېنىمىزغا ئەۋەتتى.
كېيىنرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر،
ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. پادىشاھ ئۇ داۋۇتنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.
شەرقىي دەرۋازىنى قوغداشنىڭ چېكى شەلەمياغا چىقتى. كېيىن ئوغلى زىكىرىياغا چەك تاشلاندى، زىكىرىيا دانا مەسلىھەتچى ئىدى، ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازا چىقتى.
ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى.
خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بايلىق ياكى دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، بەلكى ھەق-ناھەقنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلدىڭ.
مەن بىلەن بىرگە كەتمەكچى بولغانلارنى ئاخاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان قانالنىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن ئۇلارنى تەكشۈرگىنىمدە، روھانىيلاردىن باشقا لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم.
ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدىكى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. مەن ئىددو ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەمدە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ بېرىشنى سورىدىم.