Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 8:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 مەن بىلەن بىرگە كەتمەكچى بولغانلارنى ئاخاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان قانالنىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن ئۇلارنى تەكشۈرگىنىمدە، روھانىيلاردىن باشقا لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 8:15
12 Referans Kwoze  

بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخاۋا قانىلىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى.


ئاخاۋا قانىلىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇشىمىزنى، سەپەر جەريانىدا ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى خۇدادىن تىلىدىم.


پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.


مەن كىبار قانىلىنىڭ بويىدىكى تېلابىبتا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەيرانلىقتىن ھاڭۋىقىپ، يەتتە كۈن ئولتۇردۇم.


دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا، سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا.


پىنىخاس جەمەتىدىن گېرشوم، ئىتامار جەمەتىدىن دانىيال، داۋۇت جەمەتىدىن شىكانيانىڭ ئەۋلادى خاتتۇش، پارئوش جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە نەسەبى ئېنىق بولغان 150 ئەر،


دەم ئېلىش كۈنى، شەھەر سىرتىدىكى دەريا ساھىلىگە باردۇق. خۇددى ئويلىغىنىمىزدەك، ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاينى تاپتۇق. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە توپلانغان ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.


ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.


روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر، خىزمەتكارلار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ باشقا ھەرقانداق خىزمەتكارلىرىدىن ئالۋان-سېلىق ئېلىنمىسۇن.


بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر.


شۇڭا يېتەكچىلەردىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ،


ئۇ ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھەمدە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite