8-9 ئۇلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بابىلدىن يولغا چىقتى. خۇدا ئەزراغا يار-يۆلەك بولدى. ئۇلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.
پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.
يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈن دەم ئالدۇق.
بىز قۇل بولساقمۇ، سەن بىزنى تاشلاپ قويمىدىڭ. سەن بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىڭدا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردىڭ. ئىبادەتخاناڭنى قايتىدىن سېلىشقا ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەشكە ئىمكانىيەت بەردىڭ. سەن بىزگە يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىل بولدۇڭ.
ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى.
شۇنداق قىلىپ، ئاخاشۋېروش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى 10-ئايدا، يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى.
شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.