26 كىمكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ياكى پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىسا، قاتتىق جازاغا تارتىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، سۈرگۈن قىلىنسۇن، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن ياكى قاماققا ئېلىنسۇن.»
يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى، كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم شۇ لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇلسۇن.
مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.
پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇندى.
ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر ئەل بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، خەلقنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن. مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدىم، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»
«بۇ ئەمر-پەرمانلارنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىتائەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
ئورنۇڭدىن تۇرغىن! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن! _ دېدى.
«كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.»