23 سىلەر ئەرشئەلادىكى خۇدا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇدانىڭ غەزىپى ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا چۈشمەيدۇ.
پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى، ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى.
ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمنى مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان تاش قىلىمەن. ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەر ئۇنى يۆتكىمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنى يارىلاندۇرىدۇ.
ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۆزلىرى روھانىي قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق جايغا ئىشلەتكەيلا.
پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خالىغانلىرى سىلى بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ.
سىلەر كۈمۈشنى 3400 كىلوغىچە، بۇغداينى 10 توننىغىچە، شارابنى 2200 لىتىرگىچە، زەيتۇن يېغىنىمۇ 2200 لىتىرگىچە تەمىنلىسەڭلار بولىدۇ. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن.
سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەڭلار ۋە شۇ شەھەر ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەپ، دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ شەھەر گۈللەنسە، سىلەرمۇ گۈللىنىسىلەر.›
مۇسا بىلەن ھارۇن: _ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرسىڭىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ۋە ئۇرۇش بىلەن ھالاك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى.