Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 7:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاستى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان روھانىي ئەزرانىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 7:21
11 Referans Kwoze  

بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.


ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنىپ، سېپىللىرى پۈتسە، ئالىيلىرى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالماي قالىدىلا.»


شۇڭا پادىشاھ دارىئوس مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىدە سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا پەرمان. سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار.


قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغانىكەن ھەم ئۇ يەردە ياشىغانلاردىن ھەر خىل ئالۋان-سېلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن.


نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى بولۇپ، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى،


سىلەر كۈمۈشنى 3400 كىلوغىچە، بۇغداينى 10 توننىغىچە، شارابنى 2200 لىتىرگىچە، زەيتۇن يېغىنىمۇ 2200 لىتىرگىچە تەمىنلىسەڭلار بولىدۇ. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن.


ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.


مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە بېرىشىمغا يول خەت پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا.


مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.


پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى، ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite