19 ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.
ئۇلار يېرۇسالېملىقلارنىڭ خۇداسىنى باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق خۇددى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇتلار ھەققىدە سۆزلىگەندەك سۆزلىدى.
ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئۆزلىرى روھانىي قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق جايغا ئىشلەتكەيلا.
بۇنىڭدىن باشقا، خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا نېمە لازىم بولسا، ئوردا خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەيلا.
«ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. تاكى مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچە، ئۇلار شۇ جايدا تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئۇلارنى يەنە يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»