Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 7:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 بىز ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە يېرۇسالېمدا بولغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 7:15
20 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار تۇرار يېرۇسالېمدا، ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.


بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، بۇ يەر ساڭا مەڭگۈلۈك ماكان بولسۇن، _ دېدى.


ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر ئەل بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، خەلقنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن. مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدىم، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»


ئادا قىلىڭلار قەسەم قىلغاننى پەرۋەردىگارىڭلارغا، سوۋغا كەلتۈرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇشقا لايىق خۇداغا.


تۇرار جايى سىئوندىدۇر، مۇقەددەس چېدىرى سالېمدىدۇر.


ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.


ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.


كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.


تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت قورام تاشنىڭ ئۈستىگە لىم قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن.


ئەمدى خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى، خەلقىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.


ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىبادەتخانا سالالىسۇن؟ ئۇنىڭغا ئىبادەتخانا سالالىغۇدەك مەن كىم ئىدىم؟ مېنىڭ نىيىتىم پەقەت ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سالغۇدەك بىر يەر ھازىرلاشتۇر، خالاس.


شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، قەبىلە باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز سوۋغاتلىرىنى خالىس ھالدا ھەدىيە قىلدى.


مەن يەتتە مەسلىھەتچىم بىلەن بىرلىكتە سىلىنىڭ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە قايتقانلارنىڭ قوللىرىدىكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇيمىز.


ئاندىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچلىرى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۇلارغا تاپشۇردۇم.


يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ئاتا قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.


ھەممە قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، چارۋا مال ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ياردەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى سۇندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite