Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 7:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 مەن يەتتە مەسلىھەتچىم بىلەن بىرلىكتە سىلىنىڭ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە قايتقانلارنىڭ قوللىرىدىكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇيمىز.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 7:14
15 Referans Kwoze  

كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مىمۇكان قاتارلىق ئاقىللار ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى.


مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.


ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن: _ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


ئۇ دانىيالغا: _ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ھەقىقەتەن ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


ئاندىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچلىرى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۇلارغا تاپشۇردۇم.


ئۇ ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھەمدە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.»


بىز ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە يېرۇسالېمدا بولغان خۇداغا بېغىشلىغايلا.


ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر ئەل بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، خەلقنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن. مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدىم، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»


ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ.


ئاراڭلاردا ياشايدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلسا بولىدۇ. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!


مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-سېلىق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن.


_ سەن سۈرگۈندىن قايتقان خەلداي، توبىيا ۋە يىدايالار بابىلدىن سوۋغا قىلىپ ئەكەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، شۇ كۈنىلا زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ ئۆيگە بارغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite