ئەزرا 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 پادىشاھ ئارتاخشاستى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزراغا تۆۋەندىكى مەكتۇپنى ئەۋەتتى. Gade chapit la |
بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.