ئەزرا 7:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇ قانۇننىڭ قائىدە ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى. Gade chapit la |
بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.
سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ماددىلىرىدىن ھەتتا ئەڭ كىچىكلىرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.