Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 6:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 سىلەر يېرۇسالېمدىكى روھانىيلارنىڭ ئەرشئەلادىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇنى، يەنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانلارنى بېرىڭلار ھەمدە ئۇلار تەلەپ قىلغان بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە زەيتۇن ياغلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەڭلار.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 6:9
13 Referans Kwoze  

ئەگەر قوي ياكى ئۆچكىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چوقۇم بېجىرىم قوچقار ياكى تېكىنى ئېلىپ كەلسۇن.


ھەربىر قۇربانلىق تۇزلانغاندەك، ھەممە ئادەم ئوتتىن ئۆتىدۇ.


شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ئەشيا قاتارلىقلارغا قارايتتى.


ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن.


مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-سېلىق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن.


شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite