Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلار قايتۇرۇلۇپ، ئىبادەتخانىدىكى ئەسلى ئورنىغا قويۇلسۇن.›»

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 6:5
12 Referans Kwoze  

بېلشاززار كەيپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بوۋىسى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئۇ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشمەكچى بولۇشتى.


پادىشاھ كورەش ھەتتا پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ بابىلدىكى بۇتخانىغا قويدۇرغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى شېشباسسار ئىسىملىك بىر كىشىگە قايتۇرۇپ بەردى. پادىشاھ كورەش ئۇنى يەھۇدىيەگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.


ئاندىن مەن يەرەمىيا روھانىيلار ۋە بارلىق خەلققە مۇنۇلارنى دېدىم: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئالتۇن بۇيۇملار پات يېقىندا بابىلدىن قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ› دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان!


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەنە بارلىق ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى، چوغدانلارنى، قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغان داسلارنى، كۈل قاچىلىرىنى، چىراغدانلارنى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ كەتتى.


شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، بابىل پادىشاھى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى.


ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.


بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق بايلىقلارنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite