Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 6:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتقا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز توپلىرى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 6:18
10 Referans Kwoze  

_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.


ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈندى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن.


ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكاھ، مىكاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شامىر


پادىشاھ داۋۇت باش سەركەردىلىرى بىلەن بىرگە لاۋىيلاردىن بولغان ئاساف، ھېمان ۋە يىدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىنى لىرا، چىلتار ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ۋەھىي يەتكۈزۈشكە تەيىنلىدى. بۇ نەغمىچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى.


روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالدى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇشتى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى.


شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىشلار تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى، لاۋىيلارمۇ ئۆز توپلىرى بويىچە تۇرۇشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite