Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 6:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 6:1
16 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا ئارخىپخانىسىدىكى تەزكىرىلەرنى كۆرۈپ باققايلا. پادىشاھ كورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق كۆرسەتمە بەرگەيلا.»


پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىدۇر ئۇنىڭ كارامەتلىرىنىڭ سىرلىقلىقى، پادىشاھلارنىڭ شۆھرىتىدۇر ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىپ يېشىشى.


ئالىيلىرىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشلىرىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان.


ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىلغان ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم.


شۇ چاغدا مەن بىر قولنىڭ ماڭا قاراپ سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇ قولدا بىر ئورام يازما بارلىقىنى كۆردۈم.


ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى.


ئاندىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹يەرەمىيا بابىل پادىشاھىنىڭ بۇ زېمىنغا چوقۇم كېلىپ، بۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ!


شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا، پۈتۈلگەندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا.


نامراتلارغا ئاتا بولدۇم، ناتونۇشلارنى ئاقلىدىم.


تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەمر قىلغانىدىم. دەرۋەقە، يېرۇسالېمنىڭ قەدىمدىن بۇيان پادىشاھلارغا قارشىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ شەھەر توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭغا تولغانىكەن.


ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئالدىڭدىكى بۇ ئورام يازمىنى يە، ئاندىن ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئىسرائىل خەلقىگە سۆزلەپ بەر، _ دېدى.


ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.


پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خالىغانلىرى سىلى بىلەن بىرگە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ.


شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite