9 بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق.
ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرەپتىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا.
ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ.
ئالىيلىرىغا بۇ خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق.