Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 5:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 5:8
20 Referans Kwoze  

مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.


مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ۋە بېشارەتلىرىنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىمەن.


ئاندىن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئېغىزىغا كېلىپ: _ ئەي شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇ ياققا چىقىڭلار، _ دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئوتتىن چىقتى.


ئۇ دانىيالغا: _ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ھەقىقەتەن ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.


خۇدا ئۇلۇغ، ھەسسىلەپ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.


پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى.


تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاخاشۋېروش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاخاشۋېروش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان 127 ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى.


بۇ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: (روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بەزى ئىسرائىللار يەھۇدىيەدىكى باشقا جايلاردا، يەنى ئۆز ماكانلىرىدا ياشىدى.


تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.


سىلەر ئەرشئەلادىكى خۇدا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇدانىڭ غەزىپى ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا چۈشمەيدۇ.


شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.


تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.


دۈشمەنلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قورام تېشىنىڭ بىزنىڭ قورام تېشىمىزغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، رەبلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۇلۇغ خۇدادۇر، ھەممىگە قادىردۇر ھەم ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ، پارا ئالمايدۇ.


«پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرىغا سالام!


بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق.


تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت قورام تاشنىڭ ئۈستىگە لىم قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite