6 فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھ دارىئوسقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى:
مەكتۇپنى تۆۋەندىكى ئادەملەر پۈتكەنىدى: سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پېرسىيەلىكلەر، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامنىڭ سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر،
شۇڭا پادىشاھ دارىئوس مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىدە سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا پەرمان. سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار.
فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن: _ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى.
رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتقان ئەمەلدارلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ، قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.
مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «پادىشاھ ئارتاخشاستى ئالىيلىرىغا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بارلىق خىزمەتكارلىرىدىن سالام!
«پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرىغا سالام!
ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.