Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 5:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى پادىشاھ دارىئوسقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 5:5
12 Referans Kwoze  

بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا.


ئۇ ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ھەمدە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.»


بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.


چۈنكى، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلاردىدۇر، قۇلاقلىرى ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىدۇر. لېكىن، رەببىمىزنىڭ نەپرىتى يامانلىق قىلغۇچىلاردىدۇر.»


پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.


ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.


سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن پادىشاھتىن پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەرنى تەلەپ قىلىش مەن ئۈچۈن نومۇسلۇق بىر ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۆزىگە تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم.


سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite