ئەزرا 5:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى. Gade chapit la |
يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەھىيلىرى بىلەن ئۇلارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى.