Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 4:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 يەنە يىللار ئۆتۈپ پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى زامانىغا كەلگەندە، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئاررامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 4:7
12 Referans Kwoze  

خىلقىيانىڭ ئوغلى ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى: _ تەقسىر، بىزگە ئاررامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن.


ئۇلار پادىشاھقا ئاررامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە بىز تەبىر بېرەيلى، _ دېيىشى.


ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى: _ تەقسىر، بىزگە ئارامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن.


پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا سالام!


مەكتۇپنى تۆۋەندىكى ئادەملەر پۈتكەنىدى: سەركەردە رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلار، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پېرسىيەلىكلەر، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامنىڭ سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر،


فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھ دارىئوسقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى:


سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.


سەركەردە رىخۇم ۋە پۈتۈكچى شىمشايمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پادىشاھ ئارتاخشاستىغا مەكتۇپ يازدى.


ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.


نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى بولۇپ، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى،


تۆت ئايدىن كېيىن، يەنى پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى، مەن پادىشاھقا شاراب قۇيۇپ بېرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.


پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite