Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە تىرىشىپ، قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 4:4
11 Referans Kwoze  

ئۇلار يەرلىك خەلقتىن قورقسىمۇ، يەنىلا قۇربانلىق سۇپىسىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا باشلىدى.


شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.


ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرەلمەسلىكىمىزنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.


سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئابنېرنىڭ ھىبروندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، يۈرىكى سېلىپ كەتتى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.


ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەشتىن تاكى دارىئوسقىچە داۋاملاشتى.


ئۇ ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا: _ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلالايدىكەن، ئۇلار بۇ سېپىلنى قايتىدىن ياسىماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلساقلا، بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرەلەيمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل ۋە داشقالغا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەمدىكەن؟ _ دېدى.


لېكىن پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە مېنى 21 كۈن توسۇۋالدى. مەن پېرسىيەدە يالغۇز بولغاچقا، مىكائىل ئىسىملىك بىر باش پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلدى.


ئۇ ماڭا: _ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى»دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ماڭا ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا ھېچكىم ياردەم بەرمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite