11 مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «پادىشاھ ئارتاخشاستى ئالىيلىرىغا فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بارلىق خىزمەتكارلىرىدىن سالام!
يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال: - ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئۇلۇغ ۋە شانلىق پادىشاھ ئاسسۇرباناپال تەرىپىدىن يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، سامارىيەدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا جايلاردا ياشايدىغان خەلقلەر.
ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرەپتىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا.
شۇنداق قىلىپ، ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپ يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى.
ئۇلار يەرلىك خەلقتىن قورقسىمۇ، يەنىلا قۇربانلىق سۇپىسىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا باشلىدى.
فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھ دارىئوسقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى:
پادىشاھ ئارتاخشاستى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزراغا تۆۋەندىكى مەكتۇپنى ئەۋەتتى.