Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 4:1
14 Referans Kwoze  

ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈندىكىلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.


چۈنكى، بۇ يەردە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماڭا ئىشىك كەڭ ئوچۇقتۇر. كۆپ كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرۇۋاتقانلارمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ.


شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟


قالغانلار بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا روھانىي ئەزرا ھەر جەمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ كىشىلەر جەم بولۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى.


كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى:


ئىسرائىل خەلقى، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا سۈرگۈندىن كەلگەنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى.


ھېچكىم تەنتەنە ساداسى بىلەن يىغا-زار ئاۋازىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئاۋازلار يىراق جايلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite