Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 3:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى، قادمىئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى (ھەممىسى ھوداۋيانىڭ ئەۋلادلىرى) ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. لاۋىيلاردىن بولغان خېنادادنىڭ جەمەتىدىكى ئەرلەرمۇ ئۇلارغا ياردەملەشتى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 3:9
6 Referans Kwoze  

لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى،


لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى،


خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى.


داۋۇت ئۇلارنىڭ 24 مىڭ نەپىرىنى ئىبادەتخانىنى سېلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى.


ئىشچىلار سەمىمىيلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارغا لاۋىيلارنىڭ مىرارى جەمەتىدىن بولغان ياخات ۋە ئوبادىيا، قوھات جەمەتىدىن زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملار مەسئۇللۇققا تەيىنلەندى. ئۇلار يەنە يۈك توشۇغۇچىلارغا ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلارنى باشقۇرىدىغانلارغا مەسئۇل بولاتتى. لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ساز چېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈكچى، باشقۇرغۇچى ۋە دەرۋازىۋەن بولۇپ ئىشلەيتتى.


خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئازاريانىڭ ئۆيىدىن سېپىلنىڭ ئايلانمىسى ۋە يەنە بىر دوقمۇشىغىچە رېمونت قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite