ئەزرا 3:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى. Gade chapit la |
يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش مەقسىتىدە ياسىدى.