Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۇنىڭدىن كېيىن، خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 3:7
20 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ئادەملىرىگە مەن ئۈچۈن لىۋان تاغلىرىدىكى كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەيلا. مېنىڭ ئادەملىرىم سىلىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئىشلىسۇن. ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگەنلىرى بويىچە بېرىمەن. چۈنكى ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر سىدونلۇقلاردەك ئۇستا دەرەخ كەسكۈچىلەر يوق.»


كېيىن، ھىرود خان تىر ۋە سىدون خەلقىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇ خەلقلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىرلىشىپ، ھىرود بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ۋەكىل ئەۋەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ۋىلاستۇس ئىسىملىك مۇھىم ئەمەلدارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى.


جاففا شەھىرىدە تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال ئېتىقادچى بار ئىدى. (گرېكچە ئىسمى «دوركاس» بولۇپ، «كېيىك» دېگەن مەنىدە.) ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپ، نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى.


لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.


يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار مىننىتتىن كەلتۈرۈلگەن بۇغداي، تېرىق، ھەسەل، زەيتۇن يېغى ۋە پۇراقلىق مەلھەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.


جاففا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن ئىدى. شۇڭا، جاففادىكى ئېتىقادچىلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتىپ: - چاپسان يېتىپ كېلىڭ! - دەپ تەكلىپ قىلدى.


پېترۇس جاففادا شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇردى.


تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئەلچىلەر بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ يوللىدى. ئۇلار داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بەردى.


روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.


ساندۇق پۇلغا تولغان ھامان پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى بىلەن باش روھانىي كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ساناپ، خالتىغا سالاتتى.


لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي،


پۇللارنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە مەسئۇل بولغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەردى. نازارەتچىلەر بۇ پۇللار بىلەن ئىبادەتخانىنى ئوڭشىغان ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تۆلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite