6 روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، يېڭى ئاي بايرىمى ۋە پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئەسلەپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار.
بۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار. ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.»
«7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈندە بۇرغا چېلىنسۇن.
پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار بېجىرىم بولغان بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولسۇن.