Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، يېڭى ئاي بايرىمى ۋە پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 3:5
19 Referans Kwoze  

بۇلار سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان ھەدىيەڭلاردۇر. بۇ قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق، ئىچىملىك ۋە ئامانلىق ھەدىيەلىرىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»


ئەمما ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىڭلارنى ۋە باشقا شەخسىي ھەدىيەلىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردا يېسەڭلار بولمايدۇ.


سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، شەخسىي ھەدىيەڭلارنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار.


مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن 13 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە بولىدۇ.


مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بېجىرىم بولغان بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.


پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار بېجىرىم بولغان بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولسۇن.


ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق پاقلاننى قۇربانلىق قىلىڭلار. بۇ قۇربانلىقلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.


بۇ كۈنى ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.


ماللار قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئۇلارغا قوشۇپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئىككى لىتىر شاراب، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن بىر يېرىم لىتىر شاراب، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەردۇر. ھەربىر يىلنىڭ ھەممە ئايلىرىدا مۇشۇنداق ھەدىيەلەر قىلىنسۇن.


ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.


روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.


لاۋىيلاردىنمۇ دائىم ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان روھانىيلار كەم بولمايدۇ.»


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، سىلەردىن بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىدىن قۇربانلىق قىلسۇن.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار.


لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى.


بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى قايسى جەمەتنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite