ئەزرا 3:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش مەقسىتىدە ياسىدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى.
خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى.