Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 3:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئۇلار ئېيتىش ئېيتىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر! ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 3:11
32 Referans Kwoze  

شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋام قىلار.


ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار شاپا‏ئەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.


شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلار.


ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارغا، ھەم ئۇنىڭ ئەھدىسىگە سادىق بولغانلارغا، ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، ئۇ كۆرسىتەر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاداققىچە، ھەققانىيىتى داۋام ئېتەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.


يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.


مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى، چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار. كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار ئۇنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇنى كۈيلىمەك بىزنى شاد قىلار.


شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.


بارلىق ئىسرائىللار ئاسماندىن ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تىزلىنىپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى.


ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»


خاشابيا، شېرېبىيا، يېشۇۋا، بىننۇي ۋە قادمىئېللار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىبادەتلەردە باشقىلار بىلەن بىرگە روبىرو تۇرۇشۇپ، خۇدانى مەدھىيەلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشەتتى.


ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.


مەريەم خۇدانى مەدھىيەلەپ، ئۇلارغا مۇنداق مۇناجات ئوقۇدى: «ھەمدۇسانا ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا، ئۇ ئېرىشتى شانلىق غەلىبىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى غەرق قىلدى دېڭىزغا.»


مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.


ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار! پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار، خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.


ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن يەنە ھېمان، يىدۇتۇن ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئالاھىدە تاللانغانلار بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى. چۈنكى «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر».


مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغان ھەر ئىككى توپ ئىبادەتخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەنمۇ بىللە كەلگەن بىر توپ ئەمەلدارلار بىلەن ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدىم.


ھۆكۈم سۈرمەك بولۇپ خۇدا تەختكە چىقتى چۇقان ئارا، چىقتى پەرۋەردىگار بۇرغا ساداسىدا ئۆز ئورنىغا.


سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.


يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا روھانىيلار بۇرغىنى چالغان چاغدا، يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دەپ بۇيرۇق بەردى: _ ۋارقىراڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى سىلەرگە ئاتا قىلدى.


يوشۇۋا خەلققە مۇنداق ئەمر قىلغانىدى: «ئاۋاز چىقارماڭلار، سۈرەن سالماڭلار. مەن ۋارقىراڭلار دېمىگۈچە، زۇۋان سۈرمەڭلار. ئەمر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋارقىراڭلار.»


نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى.


بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر.


ئى پەرۋەردىگار، تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە. ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا، كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.


ئەي تاغدەك چوڭ توسالغۇ، سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا نېمە ئىدىڭ؟ سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىكتەك تۈزلىنىپ كېتىسەن. زىرۇببابەل ئىبادەتخانىغا ئەڭ ئاخىرقى تاشنى قويغاندا، خەلق: ‹خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى مۇشۇ ئىبادەتخانىغا يار بولغاي!› دەپ چۇقان سېلىشىدۇ.»


ئىبادەتخانىنىڭ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشى كىمنىڭ ئېسىدە بار؟ قاراپ بېقىڭلار! بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداق؟ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن ئەسەر بارمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite