ئەزرا 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. Gade chapit la |
ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى.
شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، شۇنداقلا ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا ئېسىل زىغىر يىپتىن تىكىلگەن تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى.