61 خاباييا، خاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى.
داۋۇت ماخانايىمغا يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگىلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلئادلىق بارزىللايلار كۈتۈۋالدى.
گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا، ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلدى.
بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 652 كىشى ئىدى.
يەتتىنچى چەك خاققوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا،
خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت سېپىلنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىشېزابئېلنىڭ نەۋرىسى بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بائانانىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.