ئەزرا 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن 3-ئاينىڭ، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ 23-كۈنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرى چاقىرتىلدى. ئۇلار ھىندىستاندىن كۇشقىچە بولغان ئىمپېرىيەگە قاراشلىق 127 ئۆلكىدىكى رەئىسلەر، بەگلەر ۋە ئەمەلدارلارغا يەھۇدىيلار ھەققىدە موردىكاينىڭ بۇيرۇغىنىدەك پەرمان يېزىشتى. پەرمان ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى.
قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 بۇقا، 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىندى.