Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 10:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 «كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 10:8
14 Referans Kwoze  

كىمكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ياكى پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىسا، قاتتىق جازاغا تارتىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، سۈرگۈن قىلىنسۇن، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن ياكى قاماققا ئېلىنسۇن.»


سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.


ئۇلار ئۇنى: - سەن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، ئەمدى بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ - دېيىشىپ، ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشتى.


ئۇلار يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى.


ئەگەر قېرىندىشىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۇقتۇرۇپ قوي. ئەگەر ئۇلارنىڭكىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئۇنى بۇتپەرەس ياكى ئىنساپسىز باجگىر قاتارىدا كۆر.


جامائەت تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان ھامان شالغۇتلارنى جامائەت ئارىسىدىن چىقىرىۋەتتى.


ئۇ ئىككى ئۆكۈزنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى خەۋەرچىلەردىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەۋەتىپ: _ ئەمدى كىمكى سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا ئاتلانمىسا، ئۇنىڭ بۇقىلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ _ دەپ ئېلان قىلغۇزدى. پەرۋەردىگار خەلققە سائۇلنىڭ قەھرى ئارقىلىق شۇنداق قورقۇنچ سالدىكى، ئۇلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئۇرۇشقا تەييار بولدى.


ئىسرائىللار: _ بىز مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يىغىلغان ۋاقتىمىزدا ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىملەر كەلمىدى؟ _ دېيىشتى. بۇرۇن ئۇلار مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەنلەر توغرىسىدا قاتتىق قەسەم ئىچىپ: «بۇ يەرگە كەلمىگەنلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز» دېيىشكەنىدى.


بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.


مەن پەرۋەردىگارغا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە، يەنى ئادەملەرنىڭ ماڭا ئاتىغان ئادەم، ھايۋان، مىراس يەر قاتارلىق ھەرقانداق نەرسىسىنى ئىگىلىرىنىڭ سېتىشىغا ۋە قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، ماڭا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.


كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى:


ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى.


باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغانىكەن، شۇڭا مەن ئۇنى ئالدىمدىن قوغلىۋەتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite