Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 10:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ۋە كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئۇ يېمىدى، ئىچمىدى، پەقەت سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 10:6
16 Referans Kwoze  

مەن يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم، چۈنكى خەلقىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار يىرگىنىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.


ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىللەردە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ۋە پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغانىدى.


باش روھانىي ئەلياشىب ۋە ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلىدى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى.


شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم.


شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.


ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.


باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغانىكەن، شۇڭا مەن ئۇنى ئالدىمدىن قوغلىۋەتتىم.


ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.


باش روھانىي يوشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى.


زابباينىڭ ئوغلى بارۇك ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ ئايلانمىسىدىن باشلاپ باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگىچە رېمونت قىلدى.


ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ دۇئا قىلىپ، يىغا-زار بىلەن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، قاتتىق يىغلاشتى.


مېنىڭ ئازابلىنىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە داۋاملاشتى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى.


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى. ئۇ جەرياندا ئۇ ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدە سۆزلىرىنى، يەنى ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.


كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى:


يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى. ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite