5 شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە قەسەم قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قارغىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزدۈم.
ئۇلار: _ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز، خەلقتىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايمىز، دېگىنىڭىز بويىچە بېجىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن روھانىيلارنى چاقىرتىپ كەلدىم، ئاندىن جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى چاقىرىپ كېلىپ، روھانىيلارنىڭ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە قەسەم قىلدۇردۇم.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى.
ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.
جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!
تەلىم بەرسەڭ داناغا، زىيادە بولار ئۇنىڭ ئەقلى، ئۆگەتسەڭ ھەققانىي ئادەمگە، ئاشار ئۇنىڭ بىلىمى.
ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن، زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن.
ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن بىرگە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا قالىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:
شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىمىز. قەسىمىمىزنى سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز.